شېئىرلار
ئادىلجان ئابدۇرېھىم
بولدۇم
يېزىلغان ۋاقتى: 2025.12.19
قاچان كۆردۈم ئاشۇ يۈزنى ئەقلى- ھۇشتىن ئادا بولدۇم، يەنە كۆرمەك نىشان ئەيلەپ ئىزدەپ ھەريان گادا بولدۇم.
دىلغا چۈشكەن بۇسەۋدانى بىلىپ ئامەت يۈرگەن بولغاچ، كېچە-كۈندۈز تەكرار توۋلاپ نامى تىلدا يادا بولدۇم.
قايتا نېسىپ بولماي كەتتى دىدار كۆرۈش ئەجەپ تەسكەن، ھالىم يەتمەي گۈزەل يارغا ئۈنى چىقماس سادا بولدۇم.
يارنى كۆرمەي، ۋىسال تاپماي، ئۆتۈپ كەتتى گۈزەل ياشلىق، دىلىم گويا خۇنۈك تۈندەك تولۇنئاي يوق ساما بولدۇم.
مېنى لايىق يار بىلمىدى ياكى ياتقا جانان بولدى، تەلەي كاجمۇ بىلەلمىدىم، يۈرەكتە لىق يارا بولدۇم.
ئالدىنقىسىسېغىنىش
كېينكىسىيوق