12–مايدىكى جىددىي جەڭ

بۈگۈن 12–ماي، چارشەنبە، سىنىپىزدىكى قەھرىمان ئوغۇل–قىزلار سىنىپىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋاكالەتچىسى ئىلھامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، بىز بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگەن 2008–يىللىق «قوش تىل» ماتېماتىكا 2– سىنىپىدىكى ماھىرلار بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. (ھىم، بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقامدۇ ھازىر). بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ۋالىبول مۇسابىقىسدا سىنىپىمىز باتۇرلىرىدىن ئالىمجان (ھەممىڭلار تونۇيسىلەر، مايمۇندەك تۈكلۈك ھەم قارا قۇمچاق كەلگەن بالا شۇ، سىنىپىمىزنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل دەپ قويساق، ھېچ ما بويتاقلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا ئالدىراش يۈرىدۇ)، ئېزىزجان (كورلىلىق بودەك تاڭجاڭ)، ئابدۇۋەلى (ئاۋازى ھەممىدىن جاراڭلىق چىقىدىغان ئاتۇشلۇق بودەك، ئۆزىنىلا بوداپ، سېمىرىپ نەگە باردىدىكىن–تاڭ؟)، مەمەتئېلى (سىنىپىمىزغا تۈۋرۈك قىلىۋالارمىزمىكىن دېسەك، بوشاڭ چىقىپ قالدى، قىزلاردىن تاياق يەپ دەردىنى ئايالىدىن ئېلىپ يۈرىدۇ)، ھاشىم (گەپ قىلمىسىڭىز ئالدىراپ سىزگە گەپ قىلىپ تاشلىمايدىغان، كۆمۈرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ كەتسە تاپقىلى بولمىغۇدەك قاپقارا بالا شۇ)، ئابابەكرى (بوينىنى كىملەرگە چىشلىتىپ يۈردىكىن بۇ بالا، داۋاملىق تېڭىقلا تۇرىدۇ بۇ بالىنىڭ بوينى، قوزىباش) قاتارلىقلار ئوتتەك قىزىپ كەتكەن مەيداندا ھاۋانىڭ شۇنداق قىزىقلىقىغىمۇ بوي بەرمەي، كەسكىن جەڭ قىلىپ (ئالدى – كەينى بىرەر سائەت كەتتىمىكىن دەيمەن)، ئۈچتە نۆل نەتىجە بىلەن ماتېماتىكا 2–سىنىپىدىكىلەرنى قاتتىق قايىل قىلىپ، ئىككىنچى بىز بىلەن ۋالىبول ئوينىمايدىغان قىلىۋەتكۈدەك دەرىجىدە قورقۇتۇپ، مۇسابىقىدە يېڭىۋالدى. (ماختاپ قويدۇم، بولمىسا قانچىلىق تەستە يېڭىۋالغىنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان.) تۆۋەندىكىسى شۇ مۇسابىقە جەريانىدا ۋە مۇسابىقىدىن كېيىن خاتىرە ئۈچۈن چۈشكەن سۈرەتلەر.

ھوي، باللا، شاشمۇ -يا؟ــ دېگىنىچە توپ باشلاۋاتىدۇ ئابابەكرى.

ھاشىم ياخشى توپتىن بىرنى ئۇردى. شۇڭا ئالىمجان ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى، ئۇرۇشامدىكىن دەپ قالماڭلار، ماقما؟

بىزگە توپ ئۇرىمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار، بىزدەك تامدىن ئۆتكۈزەلمەيسىلەر.

توپ يەرگە چۈشۈپ كەتمىسۇن.

سىنىپىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى، ئالدىدا دوڭغىيىۋالغىنى ۋاكالەتچى، مەيدە يانچۇقىدا دوللار كۆپ بولغاچقا ئېڭىشىپ قاپتۇ!

بىزمۇ خاتىرە قالدۇرۇپ قويايلى.

يەنە بىز شۇ، باشتىكىسى ياخشى چىقمىغان چاغۋا!

خاتىرە قالدۇرۇپ قويايلى، كېيىن مۇشۇ چاغلارنى ئەسلەپ قالارمىز.

مەكتەپنىڭ چىملىق مەيدانىغا كىرىۋالدۇق، ئەينا!

قايتا بىينى، تۇز تۇرۇڭا مىندا!

ئى كۆزەينەك قوشۇلۇۋالغان چاغۋا، قالغانلىرىمىزنىڭ بەرى شۇ مىندا!

ۋاكالەتچى بەك ئالدىراش.

ئارام ئالايلى، بىر ئاز ئارام ئالايلى.ھېرىپ كەتتۇق،مىندا!

توپ مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى، ئولتۇرۇپ كۆرۈش خوشياقماي، ئۆرە تۇرۇپ كۆرۈۋاتىمىز، ئەينا!

توپنى باشلىمامسىلەر؟ ئاداشلار، توپ بۇياققا ئۆتمەي بەك زېرىكىپ كەتتۇق،ــ دەيدۇ مەمەتئېلى.

توپنى ئايزىگە-مايزىگە ئۇرۇۋەرمەڭلار، مەنمۇ ئويناي، ماڭا ئىش يوقكەن، بولۇشمامسىلەر؟ زېرىكىپ كەتتىم، ــ دەيدۇ ھاشىم.

بىزمۇ بارغۇي؟ مۇسابىقە كۆرۈۋاتىمىز!

سىنىپىمىزنىڭ چوڭى، تالىپ چوڭام. قارىمامسىلەر كۆزەينىكىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى، قورقۇپ كەتكەندىن سۈرەتچىمۇ سۈرەتنى يانتۇ تارتىپ قويۇپتۇ.

ھوي غوجام، بىزمۇ بار جۇما، مە يەردە!

تاتىڭ دەيمەن بىزنىمۇ!

نېمە ئىش بوپ كەتتى، ئوينامدۇق–ئوينىمامدۇق؟

باقىت، سىنىپىمىزنىڭ تۈۋرۈكى، بويى ئىككى مېتىر يەتمىش! يېقىن تارتاي دېسە ئىكرانغا پاتماي، يىراق تارتقان چاغۋا!

مۇسابىقە بەك جىددىي بولدى، جۇما!

يەنە بىرمۇنچە سۈرەت بارتى، تاپالمىغىلى قوپتۇم. تاپقاندا يوللاپ قوياي، ماقما.